12 بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.
خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.
«خالىغىنىڭلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،
_ ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىڭلار.
كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ.
كىشىنىڭ ئىستىكى سادىقلىقتۇر. كەمبەغەل يالغانچىدىن ئەۋزەلدۇر.
ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش،
ئەمدى بۇ خىزمەتنىڭ ئايىغىنى چىقىرىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەسلەپتە پىلانلىغان ۋاقتىڭلاردىكىدەك قىزغىنلىق بىلەن تاماملاڭلار ھەمدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىقتىسادى يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار.
باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار، دېگىنىم يوق. ئەكسىچە، ئىككىلا تەرەپتە باراۋەرلىك بولسۇن دەيمەن.
يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىش سەپىرىدە بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر.
كۈمۈش ياكى تۇچ ھەدىيە قىلالايدىغانلار ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى.
ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.
ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغان چاكارمۇ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا ئىككى مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ.