Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 7:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپماي، خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. سىرتتا جېدەل-ماجىرا، ئىچىمىزدە قورقۇنچ بولدى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 7:5
23 Referans Kwoze  

سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.


سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ. ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ.


توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كەتتى.


شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.


مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.


ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر.


ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، يېنىڭلارغا بارىمەن. چۈنكى، ماكېدونىيىدىن ئۆتمەكچىمەن.


مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر.


«سەن ‹ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا تېخىمۇ كۆپ قايغۇ قوشتى. يىغا-زاردىن ھالىمدىن كەتتىم، ئاراملىق تاپالمىدىم!› دەيسەن.


مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ.


مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.


ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»


خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.


ئەتراپنى ۋەھىمە قاپلاپ، ئۇنى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە.


لېكىن يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى.


چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite