Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 7:10
32 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا: _ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى. _ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان،


بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.


خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.


سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ پۇشايمان قىلىپ، دۇئا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى.


بەخش ئېتەر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى، قۇرۇتار روھى سۇنۇقلۇق يىلىكنى.


لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.


داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.


بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى ناپاك، ئەخلاقسىز ۋە شەھۋانىي ئىشلارنى قىلغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر توۋا قىلمىغان نۇرغۇن گۇناھكارلار سەۋەبلىك خۇدانىڭ مېنى ئالدىڭلاردا خىجالەت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلارنىڭ خاتا يولدىن قايتمىغانلىقى ئۈچۈن، ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەن.


پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.


پۈتكۈل ئادەملەر ماتەملىك كىيىم كىيسۇن، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ كىيدۈرۈلسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن، ھەمدە يامان يوللىرىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن.


ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.


مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»


ئادەم روھى بىلەن بەرداشلىق بېرەر ئاغرىق ئازابىغا، بىراق كىممۇ چىدىيالار روھى سۇنۇقلۇققا؟


كەمبەغەلنىڭ ھەربىر كۈنى مۇشەققەتلىكتۇر، لېكىن ئۇ كۆڭلىنى شاد تۇتسا دائىما زىياپەتتە بولغاندەكتۇر.


كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار، قەلب ئازابلانسا، روھى سۇنار.


ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراس يەرنى بەرمەيمەن» دېگەن سۆزىگە خاپا بولۇپ، ئاچچىقلانغان ھالدا تامغا قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى.


ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.


ئۇ ئامنوندىن: _ شاھزادەم، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىسىز؟ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن ئانا باشقا ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى.


راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا: _ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.


ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا، پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا.


قايغۇرۇش ئەخمىقانە كۈلكىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى قايغۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدۇ.


ھازىر خۇشالمەن. سىلەرنى قايغۇغا سالغانلىقىمغا ئەمەس، بۇ قايغۇنىڭ سىلەرنى توۋا قىلىشقا ئېلىپ بارغانلىقىغا خۇشالمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇنداق قايغۇغا چۆكۈشۈڭلار خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى. شۇڭا ئېيتالايمەنكى، بىز سىلەرنى قايغۇغا سالغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق زىيان تارتمىدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite