Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 6:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 تونۇلمىغان ئەرزىمەس كىشىلەردەك قارالساقمۇ، لېكىن ھەممىگە تونۇشمىز. ئۆلۈم گىردابىدا بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا ھاياتمىز. تاياق يېگەن بولساقمۇ، ئۆلتۈرۈلمىدۇق.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 6:9
18 Referans Kwoze  

خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز. سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»


گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.


ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ.


لېكىن مېنىڭچە، خۇدا بىز ئەلچىلەرنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويدى. چۈنكى، بىز خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سازايى قىلىنغان مەھبۇسلاردەك، پۈتكۈل كائىنات، يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئالدىدا تاماشىغا قالدۇق.


رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر.


لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ.


بىراق، بۇ كىشى ھەققىدە مەندە پادىشاھقا مەلۇم قىلغۇدەك ئوچۇق مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ ئاگرىپا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم.


ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بۇ كىشى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقىنى ئۆز دىنى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە ئىدى. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن.


ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ، «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دېيىش بىلەن، ئەفەس ۋە پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ.


«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite