كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 6:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 ھۆرمەتكىمۇ سازاۋەر بولدۇق، ھاقارەتلەرگىمۇ ئۇچرىدۇق. ئەيىبكىمۇ بۇيرۇلدۇق، ماختاشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. كىشىلەر بىزنى ئالدامچىمۇ دېدى، بىراق بىز دۇرۇس كىشىلەرمىز. Gade chapit la |
ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ - دېيىشتى.
ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.