كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 تاياق يېدۇق، زىنداندا ياتتۇق، توپىلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدۇق، ھالىمىزدىن كەتكۈدەك ئىشلىدۇق، ئۇيقۇسىز قالدۇق ۋە ئاچارچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. Gade chapit la |
لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.
ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.