12 سىلەردىن مۇھەببىتىمىزنى ئايىمىدۇق، لېكىن سىلەر بىزدىن مۇھەببىتىڭلارنى ئايىدىڭلار.
قەلبىڭلاردىن بىزگە ئورۇن بېرىڭلار. بىز ھېچكىمگە ناھەقلىق قىلمىدۇق، ھېچكىمنى ئېتىقاد يولىدىن ئازدۇرمىدۇق، ھېچقاچان ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتمىدۇق.
ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇنداق دېسەڭلار بولامدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭ چېكى يوقمۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق بالا-قازالارنى كەلتۈرمەسمۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ئادەملەرگە پايدىلىق ئەمەسمۇ؟
ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟
مېنىڭ سىلەرنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمغا ھەمدە ئەيسا مەسىھ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھتۇر.
خۇدا سېنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، ئېسىل تائاملار بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى خالايتتى.
ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.
توسالغۇغا ئۇچرىمايسەن ماڭغىنىڭدا، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن يۈگۈرگىنىڭدە.
بىراق، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
مانا بىز ھەر تەرەپتىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق، ئەمما يەكسان بولمىدۇق. تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق.