7 چۈنكى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانغا ئەمەس، ئېتىقادقا تايىنىپ ياشايمىز.
شۇڭا، كۆزىمىز كۆرۈنىدىغاندا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەيدىغاندىدۇر. چۈنكى، كۆرۈنىدىغىنى ئۆتكۈنچىدۇر، كۆرۈنمەيدىغىنى بولسا مەڭگۈلۈكتۇر.
سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى.
مەن ˜ھەققانىيŒ دېگەن ئادەم، ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.»
ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.
سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ.
بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن.
بىز سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى ئەمەسمىز. چۈنكى شۇنى بىلىمىزكى، سىلەر خۇداغا تايىنىپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىسىلەر. بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلماقچىمىز.