Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 5:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بەزىلىرىڭلار ئېيتقاندەك، ئۆزىمىزنى يەنە ماختىماقچى ئەمەسمىز. بەلكى سىلەرگە بىزدىن ماختىنىش پۇرسىتىنى بەرمەكچىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاتاقتا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاشۇ ماختانچاق كىشىلەرگە جاۋاب بېرەلەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 5:12
13 Referans Kwoze  

بۇنداق دېيىش بىلەن يەنە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇقمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك، سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز ياكى سىلەردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟


مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، گەرچە سىلەر بىزنى ھازىرغىچە تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشەنگەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەر بىلەن پەخىرلەنگىنىمىزدەك، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى سىلەرمۇ بىز بىلەن پەخىرلىنىسىلەر.


چۈنكى، ئۆز-ئۆزىنى ماختايدىغان ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھەقىقىي ماختاشقا ئەرزىيدۇ.


ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.


ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بىر قاتاردا قويۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلايلى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


رەببىمىز تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن ئەلچىلىك ھوقۇقى سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن. شۇڭا، بۇ ھوقۇق بىلەن زىيادە ماختانساممۇ، ھەرگىز خ جالەت بولمايمەن.


بەلكى ھەممە ئىشتا خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل مۈشكۈللۈك، ئاۋارىچىلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.


ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن.


سىلەر پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشكىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەپ قاراپ، مېنى ئىنكار قىلغان بولسا، يەنە ياخشىراق ئويلىنىپ، مېنىڭمۇ ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلسۇن.


مەن ئامان-ئېسەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قايتا بارغىنىمدا، مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان خۇرسەنلىكىڭلار تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite