8 مانا بىز ھەر تەرەپتىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق، ئەمما يەكسان بولمىدۇق. تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق.
ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. چۈنكى، قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتىگە تولۇپ، كۈچلۈك بولىمەن.
ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپماي، خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. سىرتتا جېدەل-ماجىرا، ئىچىمىزدە قورقۇنچ بولدى.
پەرۋەردىگار قالدۇرماس ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىغا، ھەم قارشى ھۆكۈممۇ چىقارغۇزمايدۇ ئۇلارغا.
مەن سىلەردىن ئايرىلغاندا، سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن.
سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
بەلكى ھەممە ئىشتا خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل مۈشكۈللۈك، ئاۋارىچىلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىنىڭ يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.
_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشانمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى. ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەي دەپ، ئۆزىڭىزنى چاقىردىم.
داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.
مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.
سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ تىقىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى.
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار، بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.»
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى، ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم، مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى، ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل، مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار، ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،
سىلەردىن مۇھەببىتىمىزنى ئايىمىدۇق، لېكىن سىلەر بىزدىن مۇھەببىتىڭلارنى ئايىدىڭلار.
مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ، قانداق قىلىشنى راستتىنلا بىلمەيۋاتىمەن!