5 بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى جاكارلايمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز پەقەت ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلارمىز.
بىز سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى ئەمەسمىز. چۈنكى شۇنى بىلىمىزكى، سىلەر خۇداغا تايىنىپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىسىلەر. بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلماقچىمىز.
شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ.
قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.
ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.
دەرۋەقە، ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، مەن بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقانلارمۇ بار. ئەمما باشقىلار خۇش خەۋەرنى ياخشى نىيەت بىلەن يەتكۈزۈۋاتىدۇ.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.
شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.
بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق.
چۈنكى، ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقىدىن باشقا بىرنەرسە دېمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم.
سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.
خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.
ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق سۆزلەيدۇ. ئۇنداق كىشىدە ھەقسىزلىق يوقتۇر.
بىراق، سىلەر «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشقا كۆنمەڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش.
مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
مەن سىلاس ۋە تىموتىيلار بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرىدىكى «ھەئە»~دۇر.
دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى.
ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن.
ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.