Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئەيسا مەسىھ دائىم بىزگە كۈچ-قۇدرەت بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ۋۇجۇدىمىزدىن ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:10
17 Referans Kwoze  

بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرۈلىمىز.


تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز.


ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.


ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز.


بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولساق، ئۇ ئارقىلىق يەنە كۆپ تەسەللىمۇ تاپىمىز.


خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز. سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق.


بۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى، بەدىنىمدە قالغان يارا ئىزلىرى مېنىڭ ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسىدۇر.


ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر.


ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.


شۇنداق، ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار قىلىنماقتىمىز. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنى بىزدە كۆرۈۋالالايدۇ.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇلۇغ روھى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite