كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 بۇ قانۇننىڭ چۈشۈرۈلۈشى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان يەردە، مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ Gade chapit la |
ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.
تاش ئۈستىگە ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ قانۇن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چىرايى شۇنداق پارلىغانىدىكى، گەرچە نۇر ئاستا-ئاستا يوقالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرالمىغانىدى.