Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 تاش ئۈستىگە ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ قانۇن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چىرايى شۇنداق پارلىغانىدىكى، گەرچە نۇر ئاستا-ئاستا يوقالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرالمىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:7
38 Referans Kwoze  

بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى كەلگەندە، بۇنداق چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.


ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.


ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.


ئېنىقكى، سىلەر خىزمىتىمىزنىڭ مېۋىسى. سىلەر سىياھ بىلەن ئەمەس، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ روھى بىلەن؛ تاش تاختىلارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يېزىلغان، ئەيسا مەسىھ تەييارلىغان خەتتۇرسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەل. خەلقنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەن پۈتۈن قانۇن ۋە پەرزلەرنى ئىككى تاش تاختىغا يازدىم. ئۇنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، _ دېدى.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.


كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى.


نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.


مەن ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى قولۇمدا ئېلىپ، تاغدىن قايتىپ چۈشتۈم. تاغدا تېخىچىلا ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى.


خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن.


ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى، يەنى سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەرزنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يازدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي.


مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ئۇسسۇلغا چۈشكەن خەلقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، قولىدىكى ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى.


پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.


ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.


سەن سىناي تېغىغا چۈشتۈڭ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلدىڭ ۋە ئۇلارغا ئادىل تۈزۈم، ھەق قانۇن ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈردۈڭ.


قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆگەتكەندەك شۇنداق ئادالەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار؟


يۇقىرىدىكىلەر پۈتۈن خەلق تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ تاغ ئۈستىدە ئوت، قارا بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سىلەرگە ئېيتقان ئون پەرزىدۇر. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يېزىپ، ماڭا تاپشۇردى.


تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.


بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق.


بۇ قانۇننىڭ چۈشۈرۈلۈشى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان يەردە، مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى.


لېكىن، ئۆي سالغۇچى ئۆزى سالغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق ماختىنىشقا سازاۋەر بولغىنىدەك، ئەيسا مەسىھمۇ مۇسا پەيغەمبەردىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر.


سىلەر ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە قارا بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق، قارا بوران قاپلىغان سىناي تېغىغا كەلمىدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite