Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:12
21 Referans Kwoze  

سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.


ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.


پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.


شاگىرتلىرى: - ئەمدى تەمسىل كەلتۈرمەي، ئوچۇق ئېيتتىڭىز!


جامائەتچىلىك ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان خىزمەتچىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىكى ئىشەنچىمۇ زور ئاشىدۇ.


سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


مېنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قولۇمدىن كېلىشچە ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار.


سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى،


بىز يەنىلا خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتىمىز، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان «ئېتىقاد قىلدىم، شۇ ۋەجىدىن سۆزلىدىم» دېگۈچىدە بار بولغان ئېتىقاد بىزدىمۇ باردۇر.


لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشقىلارنىڭ تەلىم ئېلىشى ئۈچۈن، نامەلۇم تىلدا ئون مىڭ ئېغىز سۆزلىگەندىن كۆرە، ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان تىلدا بەش ئېغىز سۆزلىگىنىم ياخشىدۇر.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، تالىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.


بىراق، بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى.


- سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن بىلدۈردۇم. بىراق، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتام توغرۇلۇق ئوچۇق ئېيتىمەن.


خەقلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: - بىزنى يەنە قاچانغىچە گۇماندا قالدۇرىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، - دېيىشتى.


ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈلگىنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، مەڭگۈ يۈرگۈزۈلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟


زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى.


شۇڭا، مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشۇم بىلەن ئەسلىدە سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېجىرىشىڭنى يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇيالىساممۇ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite