Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەمدى ئۇنى كەچۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار. بولمىسا، ئۇ ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:7
20 Referans Kwoze  

بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.


بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار.


لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.


بەخش ئېتەر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى، قۇرۇتار روھى سۇنۇقلۇق يىلىكنى.


قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز.


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز.


دەرۋەقە، ئۇ راستتىنلا كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالغانىدى. لېكىن، ئۇ ئۆلمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى. خۇدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، دەرد ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ، ماڭىمۇ رەھىم قىلدى.


چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.


ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقان بىزلەر ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا ھەسرەت چەكمەكتىمىز. چۈنكى، بىز ھازىرقى تېنىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈشكە ئەمەس، بەلكى چىرىمەس تەنگە ئىگە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز.


چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»


ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى، گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى.


تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.


ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite