Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇڭا، شۇ چاغدا مەن يېنىڭلارغا بارماسلىقنى قارار قىلدىم. چۈنكى، سىلەرنى ئۆتكەنكىدەك غەم-قايغۇغا سېلىشنى خالىمىدىم.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:1
13 Referans Kwoze  

خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.


رەببىمىز ماڭا سىلەرنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن ھوقۇق بىلەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرگە قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشتىن بۇرۇن بۇ خەتنى يازدىم.


ئۇ خەتنى سىلەرنى غەم-قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ سىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، قاتتىق قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ يازغانىدىم.


سىلەرگە تاياق ئېلىپ بارايمۇ ياكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ؟ قايسىسىنى خالايسىلەر؟


ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى، ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن.


مەن سىلەردىن يىراقتا بولساممۇ، قەلبىم سىلەر بىلەن بىللە. خۇددى مەن ئاراڭلاردا تۇرغاندەك، بۇ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن كۆڭلۈمدە سوراققا تارتتىم.


چۈنكى، ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقىدىن باشقا بىرنەرسە دېمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم.


بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.


بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite