8 ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رەببىمىزگە ئۈچ قېتىم يېلىنىپ دۇئا قىلدىم.
ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.
_ سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرىمنى ئىجرا قىلمىدى. ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. سامۇئىل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بەكلا بىئارام بولۇپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
يۇيۇلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردىكى داغلار يوقالغان بولسا، يەنە بىر قېتىم يۇيۇلسۇن. شۇندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ.
بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.