كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 12:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى ناپاك، ئەخلاقسىز ۋە شەھۋانىي ئىشلارنى قىلغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر توۋا قىلمىغان نۇرغۇن گۇناھكارلار سەۋەبلىك خۇدانىڭ مېنى ئالدىڭلاردا خىجالەت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلارنىڭ خاتا يولدىن قايتمىغانلىقى ئۈچۈن، ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەن. Gade chapit la |
سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.