12 مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى، يەنى مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەكلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلدىم.
ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ.
گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.
مەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.