Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 12:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 12:11
17 Referans Kwoze  

ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق ئىشتا سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن!


ماختىنىشىم بىلەن بىرئاز ئەخمەقلىق قىلىپ قويساممۇ، ئېغىر ئالمىغايسىلەر! يەنىلا سەۋرچان بولغايسىلەر.


مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.


مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى، يەنى مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەكلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلدىم.


ئەمەلىيەتتە، باشقا ئىشلاردىن ماختانغان بولساممۇ، ئەخمەق ھېسابلانمايتتىم؛ چۈنكى ئۇنداق قىلغىنىمدا ھەقىقەتنى سۆزلىگەن بولاتتىم. لېكىن، كىشىلەر مېنى كۆرگىنىدىن ياكى ئاڭلىغىنىدىن ئۈستۈن ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، ماختىنىشتىن ئۆزۈمنى نېرى تۇتىمەن.


بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر.


سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار.


ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


بۇنداق دېيىش بىلەن يەنە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇقمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك، سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز ياكى سىلەردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟


بەزىلەرگە نىسبەتەن بىز ئېلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن بولساق، كېرەك يوق. چۈنكى، خۇدا بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئەقلىمىز جايىدا، چۈنكى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر.


ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite