8 مەن سىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا جامائەتچىلىكلەردىن ھەق ئېلىپ، ئۇلارغا «ئۇۋال» قىلدىم.
مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولماي كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن.
ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ، ئىشلەپ جان بېقىۋاتىمىز. بىزگە تىل-ئاھانەت قىلغانلارغا بەخت تىلەۋاتىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىساق، بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.
ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟