Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مېنىڭ سىلەرنى چوڭ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھەق تەلەپ قىلماي يەتكۈزگىنىم گۇناھ بولدىمۇ؟

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:7
14 Referans Kwoze  

باشقا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قىلغان، بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قىلمىغان بىردىنبىر «خاتالىقىم» سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىڭلارنى ئالمىغانلىقىمدۇر. بۇ «ئادالەتسىزلىك»~ىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!


قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى،


ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟


ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق.


مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم.


باشقا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ سىلەردىن تەمىنلىنىش ھوقۇقى بولغان يەردە، بىزنىڭ تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز تېخىمۇ بولمامدۇ؟ لېكىن، بىز بۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.


سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ھەرقانداق كىشىنىڭ كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشىگە كۆز قىرىمنىمۇ سالمىدىم.


ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!


ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تروئاس شەھىرىگە بارغىنىمدا رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ،


شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىنمۇ يىراق بولغان، تېخى خوش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن جايلارغا بېرىپ، خوش خەۋەر يەتكۈزەلەيمىز. تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە قىلغان ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە ياتتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite