Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:6
13 Referans Kwoze  

سىلەر بۇ خېتىمنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مېنىڭ بۇ سىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلگەنلىكىمنى چۈشىنىۋالالايسىلەر.


ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ.


ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.


چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر.


مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى، يەنى مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەكلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلدىم.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز.


قەلبىڭلاردىن بىزگە ئورۇن بېرىڭلار. بىز ھېچكىمگە ناھەقلىق قىلمىدۇق، ھېچكىمنى ئېتىقاد يولىدىن ئازدۇرمىدۇق، ھېچقاچان ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتمىدۇق.


مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ.


پاكلىقىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز، سەۋر-تاقىتىمىز، مېھرىبانلىقىمىز، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز ۋە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite