Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:3
47 Referans Kwoze  

ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن.


شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


ھېچكىمنىڭ سىلەرنى چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.


ئاۋۋال شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغان ئادەم~ئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋا~ئانا بولۇپ، ئۇ گۇناھ سادىر قىلغان.


چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.


پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.


ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.


ئەي نادان گالاتىيالىقلار! سىلەر قانداقلارچە ئېزىقتۇرۇلۇپ، باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار؟ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى خۇددى كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بەرگەندەك ئېنىق يەتكۈزۈلگەنغۇ!


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ياق، ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!


ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن زامان ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ خاتا تەلىمىگە ئەگىشىپ، مۇستەھكەم مەيدانىڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار.


مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاخىر زاماندا ئۆزىنىڭ يامان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، سىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ.


رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ.


شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي!


بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان بەزىلەر ئۇنىڭ خەتنە قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەركىنلىكىمىزنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇل قىلىشتۇر.


ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلىمگە ئىتائەت قىلماي، بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر، دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ.


ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا ساڭا ئېيتقىنىمدەك، سېنىڭ داۋاملىق ئەفەس شەھىرىدە قېلىپ، ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەلىملەرنى تارقىتىشىنى توسۇشۇڭنى سورايمەن.


ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.


مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟!


رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.


پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى.


تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى، باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى.


يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن: _ خۇدا راستتىنلا: «باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قەتئىي يېمەڭلار!» دېدىمۇ، _ دەپ سورىدى.


ئادەم ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولاتتى.


ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر.


ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن.


ئەجدىھا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەلگە باستۇرۇپ ئېقىتىپ كەتمەكچى بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite