25 ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم.
لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.
چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى.
بىراق، پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: - بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! - دېدى.
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
لېكىن، ئىجارىكەشلەر قۇللارنى تۇتۇۋېلىپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىپتۇ.
رىم قوماندانى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلدى ۋە خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى.
رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، كرېستكە مىخلايدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.
ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇر. بەزىلەر پاك ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلغان كېمىگە ئوخشاش ۋەيران بولدى.