Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ماختىنىشىم بىلەن بىرئاز ئەخمەقلىق قىلىپ قويساممۇ، ئېغىر ئالمىغايسىلەر! يەنىلا سەۋرچان بولغايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11:1
17 Referans Kwoze  

چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.


چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر.


بىزنىڭ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى خىجىللىق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلغان يەردە (يەنە ئەخمەقلەرچە ئېيتاي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن.


چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر!


بەزىلەرگە نىسبەتەن بىز ئېلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن بولساق، كېرەك يوق. چۈنكى، خۇدا بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئەقلىمىز جايىدا، چۈنكى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر.


ۋە خۇدانىڭ يولىنى بىلمەي يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار.


ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق!


سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!


سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ.


پاۋلۇس: - مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! - دېدى.


پاۋلۇس سۆز باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي غاللىيو ئۇلارغا: - ئەي يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلار بىر ناھەقلىق ياكى بىرەر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولسىدى، ئەلۋەتتە سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سېلىشىمغا توغرا كېلەتتى.


- ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.


بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا: _ بېگىم سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر بېگىمنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى.


ئاندىن يوشۇۋا مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن نېمە ئۈچۈن بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئامورلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولىسەن؟ بۇنىڭدىن كۆرە، بىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشىغىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمىدى!


مۇسا ئۇنىڭغا: _ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite