Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 10:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بىر قاتاردا قويۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلايلى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 10:12
10 Referans Kwoze  

ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن.


كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى ئاقىل چاغلىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.


پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.


چۈنكى، ئۆز-ئۆزىنى ماختايدىغان ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھەقىقىي ماختاشقا ئەرزىيدۇ.


يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.


بۇنداق دېيىش بىلەن يەنە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇقمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك، سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز ياكى سىلەردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟


ياخشى ئەمەستۇر ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيش، شەرەپلىك ئەمەستۇر شۆھرەتپەرەسلىك قوغلىشىش.


بەزىلىرىڭلار ئېيتقاندەك، ئۆزىمىزنى يەنە ماختىماقچى ئەمەسمىز. بەلكى سىلەرگە بىزدىن ماختىنىش پۇرسىتىنى بەرمەكچىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاتاقتا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاشۇ ماختانچاق كىشىلەرگە جاۋاب بېرەلەيسىلەر.


«سىلەر ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان ئادەم ئىكەنسىلەر-ھە، سىلەر ئۆلسەڭلار ھېچقانداق دانا ئادەم قالمايدىكەن-دە!؟


بۇ كىشىلەر شۇنى بىلسۇنكى، يىراقتىن سىلەرگە يازغان خەتلىرىمدە نېمە قىلىمەن دېگەن بولسام، يېنىڭلارغا بارغاندىمۇ شۇنى قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite