Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 10:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بۇ كىشىلەر شۇنى بىلسۇنكى، يىراقتىن سىلەرگە يازغان خەتلىرىمدە نېمە قىلىمەن دېگەن بولسام، يېنىڭلارغا بارغاندىمۇ شۇنى قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 10:11
6 Referans Kwoze  

رەببىمىز ماڭا سىلەرنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن ھوقۇق بىلەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرگە قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشتىن بۇرۇن بۇ خەتنى يازدىم.


يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بىر قاتاردا قويۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلايلى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite