كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى توغرا تاپتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئاستىدا ھەتتا ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەنىدۇق. Gade chapit la |
سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!
ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.
داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.
قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.