Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:6
13 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.


ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز.


چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ.


شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى


بىزنى بىز ئىنتىزار بولغان ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغۇچى، شۇنداقلا بۇنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە بىزگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغۇچى دەل خۇدانىڭ ئۆزىدۇر.


خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


سىلەر ئۈچۈن، مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشقا، ھەتتا جېنىمنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازىمەن. ئەجەبا، مەن سىلەرنى قانچە كۆپ سۆيسەم، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا شۇنچە ئاز ئېرىشەمدىمەن؟


بىراق، بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق.


شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite