Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مەن سىلاس ۋە تىموتىيلار بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرىدىكى «ھەئە»~دۇر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:19
43 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.


ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ.


- تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»


سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.


بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.


سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇنداق قېرىنداشلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق.


ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئۇلار يوقىلىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ يوقالمايسەن. ئاسمان-زېمىن كىيىم-كېچەكتەك كونىرايدۇ.


شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:


دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئەمەلدار: - بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. مۇشۇ يەردىلا چۆمۈلدۈرۈلسەم بولمامدۇ؟ - دېدى.


بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.


يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: - بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى.


ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز!


چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.


ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى.


ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن!


- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.


خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ:


ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا: - ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېيىشتى.


- قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىن! - دېيىشتى.


ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.


خۇدا مۇنداق دېدى: _ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.


- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.


ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى.


پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام.


مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، سالونىكا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


مەنكى، پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، سالونىكا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


مەن خۇدا يولىدىكى سادىق قېرىندىشىم سىلاسنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يازدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite