كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 بىراق قايتىشىمدا، سىلەرگە يولۇقالمىدىم. بۇ، نىيىتىمنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەرمۇ!؟ ياكى مەن پىلان قىلغاندا، شەخسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغان ئادەملەردەك بولۇپ قالدىممۇ!؟ Gade chapit la |
مەن ‹پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى› دەپ يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ھېچقاچان ئۇلارنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.