Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15-16 مەن بۇلارغا ئىشەنچ بىلەن قارىغاچقا، سىلەرگە قوش بەخت ئېلىپ كېلىشنى ئويلاپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بېرىشتا ئالدى بىلەن سىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتۈشنى، قايتىشىمدا يەنە بىر يولۇقۇپ، سىلەرنىڭ مېنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى نىيەت قىلغانىدىم.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:15
9 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇدا بۇيرۇسا، يېقىندا چوقۇم يېنىڭلارغا بارىمەن. ئۇ چاغدا، بۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زادى بار ياكى يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقىمەن.


چۈنكى، سىلەرگە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشتە بىرەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن.


ماڭا مەلۇمكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئەيسا مەسىھ مەن ئارقىلىق سىلەرگە مول بەخت ئاتا قىلىدۇ.


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


بۇنداق يىغىلىش سىلەرنىڭ جازاغا ئۇچرىشىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى ئۆيىدە تويدۇرۇپ كەلسۇن. باشقا مەسىلىلەرگە كەلسەك، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا سۆزلىشىمىز.


مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.


بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن. خۇدا بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن ئۇزۇنراق ۋاقىت بىللە بولىمەن.


ھازىر مەن يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن. سىلەرگە ھېچقانداق ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى، ماڭا كېرىكى سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار ئەمەس، ئۆزۈڭلاردۇرسىلەر. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite