Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 6:6
23 Referans Kwoze  

ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك.


مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن، ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن.


بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.


چۈنكى، مەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشايمەن. ئۆلسەممۇ، ئەرشتە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولىمەن. بۇ، مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.


مول بايلىقى بىلەن تەشۋىشتە ئۆتكەندىن، ئەۋزەلدۇر ئاز دۇنيا بىلەن ئەيمىنىپ ئۆتكەن پەرۋەردىگاردىن.


قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى.


مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.


بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان، راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان.


بىز تۇرۇشقا ئۆي سالمىدۇق، ئۆزىمىزگە ئۈزۈمزارلىق، ئېتىزلىقلارنى بەرپا قىلمىدۇق ۋە بىزنىڭ زىرائەتلىرىمىزمۇ يوق.


كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى


ئىجازەت بەرگەن بولسىلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى دەرەخلەردىن كېسىپ، ئۆزىمىزگە شۇ يەردە ئۆي سالساق، _ دېيىشتى. ئېلىشا: _ بېرىڭلار! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite