تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 6:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە، خۇدانىڭ بۇ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىل، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سېنى ئەيىبلىيەلمىسۇن. Gade chapit la |
بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.