Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ياردەم بېرىلىدىغان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئۇلار چوقۇم ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى ۋە يېشى ئاتمىشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:9
10 Referans Kwoze  

جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،


ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىما. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان رىشتىنى بېسىپ كەتسە، ئۇلار قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ.


خىزمەتچىلەر ئۆز ئايالىغا سادىق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن.


ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئايالنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىتتىرىپ قويمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەتچىلىك ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.


ئاندىن باشقا تاشلار ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىلگەن تاشلار ئورنىغا قويۇلۇپ، ئۈستى لاي بىلەن يېڭىدىن سۇۋالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite