Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئەگەر ئۇ گۇناھ قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلەنسۇن.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:20
15 Referans Kwoze  

پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.


بۇ ھەقىقەتتۇر. شۇڭا، كرىتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساپ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغىن.


پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ۋە بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.


ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاڭلاپ قورقىدۇ. ئاراڭلاردىن ھېچكىم يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


ئىمېنېي ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم.


ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.


باشقىلار بۇنى ئاڭلىسا، قورقىدۇ ۋە يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


پۈتۈن خەلق بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، قايتا كىبىرلىك قىلىشتىن قورقىدۇ.


ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.


قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.


كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلغان ئەھمىيەتسىز يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. ئەكسىچە، ئۇ ئىشلارنى پاش قىلىڭلار.


سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite