Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:13
14 Referans Kwoze  

پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى، ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى.


سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن، خاتا تەلىم تارقىتىدۇ.


ئۇ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرار، يېتىپ يېمەس بىكار.


مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا.


مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم.


ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار، بەلكى چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، چۈنكى خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.


باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بىزگە رەزىل سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتچىلىكتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ.


ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.


دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە، ھەم لەنەت چىقىدۇ. قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك!


بىشەم ۋە باشباشتاق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە ئولتۇرمايتتى.


چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى، ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite