Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىما. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان رىشتىنى بېسىپ كەتسە، ئۇلار قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:11
13 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ.


مەن سىلەرنى غىزالاندۇردۇم ۋە تويدۇردۇم. لېكىن قورسىقىڭلار تويغاندىن كېيىن، سىلەر ھاكاۋۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدۇڭلار.


سىلەر بۇ دۇنيادا باياشات ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغانغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇششاق قەدەم تاشلاپ، پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ.


ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ياردەم بېرىلىدىغان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئۇلار چوقۇم ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى ۋە يېشى ئاتمىشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.


بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان.


لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىنىدۇ.


چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»


ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite