Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:4
15 Referans Kwoze  

يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ.


گۆش دۇكىنىدا سېتىلغان گۆشلەرنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار.


رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر.


بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېگەن بۇ سۆز توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ.


يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا ئۆتكەنكى خېتىمىزدە تاپىلىغىنىمىزدەك، بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېمىسۇن، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېمىسۇن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن، - دېيىشتى.


بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان.


خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.


ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


بىراق، پېترۇسقا يەنە: - خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.


بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگ ن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.»


ئەگەر مەن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ بۇنداق زىياپەتكە قاتناشسام، يەنە نېمە ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىپ يېگەن بۇ يېمەكلىكىم سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم كېرەك؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite