Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:15
26 Referans Kwoze  

خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى، ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى.


ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،


بىز بولساق ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە خۇش خەۋەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە بېغىشلايلى.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.


قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ.


كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە، ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە.


ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە، چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە.


ئەمرلىرىڭنى ھۆرمەتلەپ قولۇم تۇرار كۆكسۈمدە، ئويلىنىمەن مەن سۆيگەن پەرمانلىرىڭ ھەققىدە.


چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە، ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە.


بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكىنىمىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتىدى، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزگە ئاتىدى.


ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.


بايان ئەيلەي ھېكمەتكە تولغان دۇردانىلارنى، چۈشەندۈرەي قەلبىمدىكى چوڭقۇر ئويلارنى.


ئى پەرۋەردىگار، قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىم، خۇش قىلغاي سېنى سۆزلىرىم ۋە خىياللىرىم.


يۇنان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئېتىقاد قىلغان ئىستىپاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلىسىلەر. قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەببىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار.


توپلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلسىمۇ ھۆكۈمرانلار، پېقىر قۇلۇڭ نىزاملىرىڭ ھەققىدە يەنىلا ئويلىنار.


زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا.


پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.


چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ بىزنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەر بىلەن بىللە ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن.


ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.


ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite