Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:9
20 Referans Kwoze  

ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟ سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن! سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر، كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇششاق قەدەم تاشلاپ، پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ.


ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.


يېھۇ يىزرىئەلگە كەلدى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى.


مانا، بىر خوتۇن يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ پاھىشىدەك ياسىنىۋالغان بولۇپ، نىيىتى بۇزۇق ئىدى.


ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.


ئۇلار كونا خارابىلەرنى ئوڭشاپ، قاقاسلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇندىن ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەرنى قايتا ياساپ چىقىدۇ.


ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى.


ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى، نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى.


ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدىن ئەمەس، خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.


كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۇنىڭ لىباسى، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار ئۇ كېلەچەكنى.


بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite