Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 لېكىن، ئاياللار ھاۋا~ئانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. بىراق، ئۇلار چوقۇم ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، پاك ۋە ئەخلاقلىق ياشىشى كېرەك.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:15
14 Referans Kwoze  

بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ.


دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.


بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،


بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.


بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»


رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى.


تەننىڭ بىئەپ دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite