Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى، دەپ ئاتالغۇسى بار. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:7
20 Referans Kwoze  

گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى.


لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ.


بۇنداق كىشىلەر تەكەببۇر، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار غوۋغا چىقىرىش ۋە گەپ تالىشىشقا ئىنتايىن ئامراق. بۇنداق ئىشلار باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، گۇمانخورلۇق


خۇدانىڭ سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى ۋە ئاراڭلاردا مۆجىزىلەر يارىتىشى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلاردىندۇر.


سىلەردىن شۇنىلا سورىماقچىمەنكى، مۇقەددەس روھ سىلەرگە تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلىندىمۇ؟ ياق، سىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغان.


تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟


ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا: - سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! - دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىلمەيمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى.


قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ھەممىڭلارلا تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار! سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite