Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بەزى كىشىلەر بۇ تەلىمدىن چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:6
9 Referans Kwoze  

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلىمگە ئىتائەت قىلماي، بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر، دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ.


ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلان. چۈنكى، بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر.


بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بەزى تۇل ئاياللار ئاللىبۇرۇن ئېتىقادتىن چەتنەپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى.


چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.


ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى دەپ،بۇ ╟بىر ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ. بۇ تىرىلىش پەقەت روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە يۈز بەرمەيدۇ╚ دېگەن خاتا كۆزقاراشتۇر. ھەق يولدىن چەتنەپ، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا.


ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ بىر ئادەمنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئادىشىپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغقا تاشلاپ، ھېلىقى ئاداشقان قويىنى ئىزدىمەمدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite