6 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى.
شۇڭا، ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلار قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر.
- ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»
بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ.
چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»
شۇڭا، ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، كىچىككىنە ھەم يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئېتىقادىڭنى كۈچەيت. چۈنكى، خۇدايىم ئالدىدا ئەمەلىيىتىڭنىڭ تېخى تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم.
دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.
قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.
ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلار، بىكار تەلەپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن.
جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،
دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.
ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە!
ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - شۇنىڭ ئۈچۈن، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى بىلمەيسىلەر.
يىگىت ۋاقچە كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
بىر كېچىسى، ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە، ئۇ ئادەمنىڭ دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداينىڭ ئارىسىغا ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ.
كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشسە، بىز ئامان قالارمىز، _ دېدى.
لېكىن، سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇت. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولۇپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىل.
خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.
يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك.
خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى.
ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.
شۇڭا، ھوشيار بولۇڭلار. مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، سىلەرگە ياش ئاققۇزۇپ نەسىھەت بەرگەنلىكىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ.
سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: ھوشيار بولۇڭلار!
ئۇ ئۇلارغا: - جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ھوشيار تۇرۇڭلار، - دېدى
ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر، ھەممىسى بىلىمسىزدۇر. ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر، يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
لېكىن، ئاياللار ھاۋا~ئانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. بىراق، ئۇلار چوقۇم ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، پاك ۋە ئەخلاقلىق ياشىشى كېرەك.
بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.
قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.