Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:3
48 Referans Kwoze  

شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.


كىمكى قايتا-قايتا ئەيىبلەنگەندىمۇ بوينى قاتتىقلىق قىلسا، تۇيۇقسىز بىتچىت بولۇپ، قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا.


خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى.


مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.


«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار! ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر! چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا، كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!»


ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»


پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟ سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟


يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!


ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.


تىترەك بېسىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، قىينالدى تولغاق يىگەن ئايال كەبى.


سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.


ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان تۇنجى تۇغۇلغانلار جەم بولىدىغان، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سوراقچىسى خۇدا بار بولغان، كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرى مەۋجۇت بولغان،


ئىسرائىلىيە تولغىقى تۇتقان ئانىنىڭ ئەقىلسىز ئوغلىدۇر. تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ئانىسىنىڭ قارنىدىن چىقىشنى خالىمايدۇ.


شۇڭا سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار دۆۋىلىنىپ، يېرىلغان ئېگىز تامغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆرۈلۈشكە تەييار تۇرىدۇ. تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ.


ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە پەرۋا قىلماي ئىچىدە: «مەن ئۆزۈم خالىغان يول بىلەن كېتىۋەرسەممۇ، ماڭا ھېچنېمە بولمايدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇ يامانلارغىمۇ ھەم ياخشىلارغىمۇ كۈلپەت كەلتۈرىدۇ.


ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟


ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدىن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كەتمەيدۇ، ئۇلار ئاسايىشلىق كۈنلىرىدە قاراقچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.


تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.


ئۆلۈم دۈشمەنلىرىمنى قوينىغا ئالسۇن تۇيۇقسىزلا، تىرىك كەتسۇن ئۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا، چۈنكى رەزىللىك ماكان تۇتار ئۇلارنىڭ دىللىرىدا.


زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي، مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي.


شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›»


ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.


شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.


لېكىن بېشىڭغا شۇنداق چوڭ بالايىئاپەت كېلىدۇكى، سەن ھەرقانداق جادۇگەرلىك ئىشلىتىپمۇ ئۆزۈڭنى قوغدىيالمايسەن. بېشىڭغا چۈشكەن بۇ بالايىئاپەتتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمايسەن. بۇ بالايىئاپەت شۇنداق تېز كېلىدۇكى، سەن ئۇنى بىلمەيلا قالىسەن.


ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ: ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


ساختا پەيغەمبەرلەر خەلقىمنى ئالداپ: ‹سىلەر بىخەتەر› دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېچبىر بىخەتەرلىك يوقتۇر. بۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ ياسىغان ئاجىز تېمىنى ساختا پەيغەمبەرلەر كېلىپ ھاكلاپ قويغاندەك بىر ساختا ئىشتۇر.


ئايال تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن. لېكىن، بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن، تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.


دۈشمەن قوشۇنى ئۆزىنى بىخەتەر دەپ ھېس قىلىپ تۇرغاندا، گىدئون نوباخ ۋە يوگبوھا شەھەرلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولىدىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى.


خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite