21 ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.
بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.
نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار.
ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى.
نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە سىلەر ئۆزۈڭلار نېمىشقا ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟!
قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەلىملەرنى ئېسىڭدە تۇت. ئۇلارغا ئەمەل قىل، توۋا قىل. ئەگەر ئويغانمىساڭ، مېنىڭ كېلىشىم ساڭا خۇددى ئوغرىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كەلگىنىدەك تۇيۇقسىز بىلىنىدۇ. مېنىڭ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىمنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.
شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: - ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر.
باشقىلار ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە ئىككىلەنمەي چىڭ تۇرايلى. چۈنكى، ۋەدە بەرگۈچى خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمدە چىڭ تۇرۇڭلار!
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
سىلەر مەندە بولۇڭلار. مەنمۇ سىلەردە بولىمەن. شاخ تالدا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە بولمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.
ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
تۇيۇقسىز كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا.
بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.
سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.
مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.
ئاڭلىغىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكىبۇ يەردىكى ئاسىيا ئۆلكىسى ھازىرقى تۇركىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېل ۋە ئېرموگېنمۇ بار.
بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنى شۇ ئادەمدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمىگىنىدەك، خۇدانىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنىمۇ خۇدانىڭ روھىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.
بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى. قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى، تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _ ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە.
ئالغان تەربىيىنى چىڭ تۇت، ئايرىلما، ئوبدان ساقلا ئۇنى، ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر چۈنكى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.
ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.
ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.