19 مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار.
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر!
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى يادىڭغا سالايكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغان چاغدا، خۇدا ساڭا بەرگەن قابىلىيەتنى تولۇق ئىشلەتكەيسەن.
مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن.
لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.
سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.
قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى، تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.
بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار: _ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى.
مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ بارلىق ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار.
بۇ يىغىلىشتا ئولتۇرغانلارنىڭ بىرىگە خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى جىم بولۇپ، نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن.
سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.
سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار.